دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزنىڭ 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى زاپاس تۈر مەبلىغى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 10:51:16

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ گۇاڭجيەن خەۋەر قىلىدۇ) 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر، ۋىلايەت جەمئىي 41 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرىدىن 677نى زاپاس تەييارلىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلىنىدىغان مەبلەغ 30 مىليارد 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەبلەغ سوممىسى تۇنجى قېتىم 30 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى لياڭ لى مۇنداق دېدى: مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى مەركەزنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مەبلىغى بولۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتە پائال يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم رولغا ئىگە. دۆلەت، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرما قىلغان 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈر مەبلىغىنى چۈشۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، 2024 ـ يىلى پۈتۈن يىللىق مەبلەغنى چۈشۈرۈش ۋەزىپىسى مەركەزلىك ئالدىغا سۈرۈلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش سىياسەت پايدىسىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سىياسىتى يۆنىلىشىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكى، ئاجىز ھالقىلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى، شەھەر ـ بازار ئۇل ئەسلىھەلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالدىن مۆلچەرلەشنى ياخشى قىلىپ، تۈرلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، يۇقىرى سۈپەتلىك، دەل جايىدا پىلانلاپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق دەلىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر زاپىسىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنى پىلانلاش، زاپاس ساقلاش، مەخسۇس تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىش، ھەرىكەتچان، ئۇدا يولغا قويۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش