دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋۇ خۇڭجەن 2023 ـ يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئۆتتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 10:57:38

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونۇشى ۋە تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تىل، جانلىق، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا 2023 ـ يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»ىنى ئۆتۈپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ ـ دەريالاردىن تارتىپ، ئۇزاق جۇڭگو تارىخىغىچە؛ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭخۇا مىللىتىگىچە... دەرسخانىدا، ۋۇ خۇڭجەن جانلىق تارىخىي پاكىت، ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبكە پۈكۈشكە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، غايىسىنى چىڭىتىپ، پۇختا ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، شىنجاڭ بويىچە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھاياتىي كۈچ جۇش ئۇرماقتا، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىپ، ئاقسۇ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشقا، ئوقۇشقا، داۋالىنىشقا، كۈتۈنۈشكە، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جايغا ئايلانماقتا، بولۇپمۇ مەكتەپلەرنىڭ مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

ۋۇ خۇڭجەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ھېسسىياتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ـ پەزىلەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئەخلاقنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن، مەدەنىي كەيپىياتنى قوغدىغۇچىلاردىن، گۈزەل تۇرمۇش ياراتقۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. ۋاقىتنى قەدىرلەپ، دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتەك يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ساغلام تەننى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش، خۇشال ـ خۇرام ياشاشنىڭ كاپالىتى قىلىپ، بۇنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا ئاتلىنىش كېرەك. توغرا ئىستېتىك قارىشى تۇرغۇزۇپ، گۈزەللىكنى ھېس قىلىش، گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىپ، قەلبى گۈزەل، روھى گۈزەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خاراكتېرى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ياشلىق جاسارىتىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمگەكنى ئۇلۇغلاپ، ئەمگەكنى ھۆرمەت قىلىپ، ئائىلە ئەمگىكى، مەكتەپ ئىچىدىكى كوللېكتىپ ئەمگەك، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى ئەمگىكىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياخشى بولغان ئەمگەكچانلىق پەزىلىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، چىداملىق ـ غەيرەتلىك بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋرگە زىچ ئەگىشىپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ قالتىس كىشىلىك ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋۇ خۇڭجەن مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. كەڭ ئوقۇغۇچىلار يۈكسەك غايە تىكلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى دائىم قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاتا ـ ئانىسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ياشلىق گۈلىنى ۋەتىنىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىشى كېرەك.

دەرس سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 100دىن ئارتۇق تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدىكى 12 مىڭ 500 ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىغا ئۇلاندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لو مېييىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش