دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى
ــ ۋىلايىتىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-24 10:48:16

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ)

كۇچا خەلق ناخشىسى، پالاز توقۇش ھۈنىرى، دولان مەشرىپى... بۇ مەزمۇنى مول، كۆپ خىل، قويۇق رەڭدارلىققا ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بارغانسېرى تونۇش بولدى. بۇ تارىخنىڭ چۆكمىسى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ گېنلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى ئاقسۇنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قوغداش بىلەن ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جانلىق ھالىتى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى

بۇ يىل 6 ـ ئايدا، ۋىلايىتىمىزدىكى دېھقانلار رەسىمى رەسساملىرى سىزىشقا قاتناشقان ئاقسۇ ئۆرپ ـ ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جېجياڭدا ئانار قىزاردى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى مىللەتلەر (دېھقانلار) ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچى تەشۋىقات پائالىيىتىدە نامايان بولدى ھەم خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا ئىئانە قىلىنىپ، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇزېيىدا ساقلاندى.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان دېھقانلار رەسىمى رەسسامى نەبىجان ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمىز ئىجاد قىلغان «بەختلىك دولان . ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالايلى» ناملىق رەسىمدە، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان ئارزۇيىمىزنى ئىپادىلىدۇق. جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، ناھىيەمىزنىڭ دېھقانلار رەسىمى يىپەك، زىننەت تەخسىلىرىگە بېسىلىپ، «ئاقسۇ ياخشى سوۋغاتلىقى»نىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، خاڭجوۋ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە يېتىپ بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنىڭ يارقىن نام كارتىسى بولۇپ قالدى.

ۋىلايىتىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ھۈنەر ـ سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، نۆۋەتتە ۋىلايىتىمىزدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن جەمئىي 571ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تۈردىن توققۇزى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈردىن 27سى، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈردىن 65ى، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك تۈردىن 470ى بار.

ۋىلايەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇپ، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى (گۈزەل سەنئەت سارىيى) بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە زالىنى بەرپا قىلدى، بۇ سارايدا ساقلىنىۋاتقان، كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلات 130 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بوشلۇقى ئۈنۈملۈك تولدۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان ئاپپارات بولۇش، تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، نامايان قىلىدىغان سۇپا بولۇش ئىشقا ئاشتى. ۋىلايەت ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ھەر يىلى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ پايدىلىنىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇنەۋۋەر ۋارىسلارنى ئاپتونوم رايون، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە  بىلىم ئاشۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ۋەكىللىك ۋارىسلارنىڭ «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» تەك ھۈنەر ئۆگىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى «سىرتقا» يۈزلەندۈرۈلدى

مۇسەللەسنىڭ «جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تىرىك تاش قاتمىسى» دېگەن نامى بار، 2007 ـ يىلى، ئاۋات مۇسەللىسىنى ئېچىتىش ھۈنىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ قوغدىلىپ كەلمەكتە.

ئىلگىرى مۇسەللەس كۆپىنچە ئۇششاق ھۈنەرخانىلاردا پىششىقلىناتتى، مەھسۇلات مىقدارى ئاز، پەسىلچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، سېتىش يولى جەنۇبىي شىنجاڭ دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ئېچىتىش ھۈنىرىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرغاچقا، بارغانسېرى كۆپ كارخانا مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. شىنجاڭ يىپەك يولى دولان ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىڭ تاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مۇسەللەس بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق كۆپ شەھەرگە سېتىلىپلا قالماي، يەنە يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇسەللەس كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پىششىق بىلىپ، قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يېزا ـ كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، يېزا ـ كەنتلەردىكى ياشلارنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى ئۆگىنىدىغان «شاگىرتلار» قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇ ياخشى جاي «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى گۈزەللىكى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك قىسقا سىن ئىشلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى تورداشلارنى كۆرەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتتا زىياپىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەت ئېچىش ئىستىقبالىغا ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ بازار سۇبيېكتىغا ئايلىنىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت، يەر ئىشلىتىش، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، ماركېتىڭ قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى كەسىپلىشىپ توپلانغان جايدىن 10نى بەرپا قىلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 21 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

قىزىل شارپا ئارتقان، گەۋدىسى ئاپئاق، ئىككى كىچىك لوكىلىق «كەلپىن كىچىك تايلىقى» ۋىلايىتىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى «چولپان» بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازى كەلپىننىڭ ياغاچ قوشۇقى، چاپىتىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالما يەشىكى، ئورالما قېپى، ئورالما خالتىسى ئۈستىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا چاپلىنىپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە يۈرۈشلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلاندى.

ۋىلايەت خاس ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئاقسۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سوۋغاتلىقى تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى ئىچكى خاسلىقىغا ئىگە، رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يېڭى نام كارتىسى»نى بەرپا قىلىدى. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن IP ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، مەسىلەن: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتى قولدا مىللىي چالغۇ ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق سەنئەتكارلىرى، قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەم يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەم ۋارىسلار قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتى.

ۋىلايەت يەنە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت»نى يۇغۇرۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۇچا چوڭ نېنى شەھەرچىسى، شايار ناھىيەسىنىڭ «شايار تەسىراتى» مەدەنىيەت ـ ساياھەت كوچا رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇكىنى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس خەلق ئىچى مەدەنىيىتىنى قوغداش رايونى قۇرۇلۇشىغا نام بېرىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس ساياھەتچىلىكىنى بەرپا قىلىشنى پۇختا قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئەت يۇرتى، ئەنئەنىۋى كەنت، گۈزەل ئىستىراھەت يېزا ـ كەنتى، تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى، بازىرى بەرپا قىلىش جەريانىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس مەدەنىيىتى كەنتى» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

ۋىلايەت «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ماركا» قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، مۇسەللەس ماركىسى، قاراكۆل قوزىسى كۆرپە تۇمىقى ماركىسى، مىس ئەسۋابلارنى ياساس ماركىسى قاتارلىق بەش رايون ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە (شەھەر)لەر ئوتتۇرىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى بويىچە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كۈچلۈك ماركا ئېففىكتى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى، تېخىمۇ تەسىر كۈچكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش