دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق كەسپىي ئورۇنلار تۈر ئايرىمىسى ئىمتىھانى 8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى ئېلىنىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-24 10:58:52

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلارغا 2023 ـ يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تۈر ئايرىمىسى ئىمتىھانى 8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى ئېلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىمتىھان مەملىكەت بويىچە 15 ئۆلكە (شەھەر)دە بىرلىشىپ ئېلىنىدىغان ئىمتىھان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدە ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنى، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىق سەككىز ئىمتىھان نۇقتىسى، 428 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان.

ۋىلايەت بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي، ئىلمىي، قېلىپلىق، بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، 17 ئالاقىدار تارماق ۋە يەتتە ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى تەشكىللەپ بىرلەشمە يىغىن ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى، ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەت قوللانمىسى ۋە مەشغۇلات قوللانمىسىنى تۈزۈپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئىشلىرىدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (/cn.com.sksrjx.www//:http)گە كىرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ، ئىمتىھانغا ۋاقتىدا قاتنىشىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش