دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-24 11:00:09

     ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ۋىلايەت ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ۋىلايىتىمىز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاقسۇنى كۈچەيتىش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويغاچقا، تۈرلۈك ئىختىساس ئىگىلىرى بەس ـ بەستە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ئۇلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئىختىساسلىقلار مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سىياسىي نەزەرىيە ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارى ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ساھەدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار، سەرخىل پەن باشلامچىلىرى قاتارلىق ئالىملار ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولىدىغان جەمئىيەت ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ياش ئىختىساسلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە بېرىپ چېنىقىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈپ، «مۇشۇ يەردىكى ئىختىساسلىقلار»نى تۇتۇپ قېلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك؛ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجادكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ ۋە تەربىيەلەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى سۇپىسى قۇرۇشنى قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك؛ سۇپا قۇرۇپ ئىختىساسلىقلارنى قوللىشى، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، باغلاقنى بوشىتىپ ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشى، بىرلىك سەپ تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى توپلىشى كېرەك؛  

پەن تەتقىقات سۇپىسىنى كۈچەيتىشى، تەربىيەلەش سۇپىسىنى زورايتىشى، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك؛ باشقۇرۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك؛ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئىختساسلىقلارنى ھۆرمەتلىشى، قەدىرلىشى كېرەك؛ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئەلا مۇھىتنى يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ئاقسۇدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق زېمىندا كارامىتىنى كۆرسىتىش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى 12 ئىختىساس ئىگىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىنى كەڭ ـ كۇشادە بايان قىلدى ھەم سىرتقا چىقىپ تەجرىبە ئۆگىنىش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن لو مېييىڭ، بورھان مەمەت، جاڭ يۇڭ ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش