دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت ئۆمەك تەشكىللەپ 7 ـ نۆۋەتلىك ئىسسىقكۆل ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە 6 ـ نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۆلەتلىرى تاۋار كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-01 12:03:45

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋۋۇ خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 28 ـ كۈنىگىچە، 7 ـ نۆۋەتلىك ئىسسىقكۆل ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە 6 ـ نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۆلەتلىرى تاۋار كۆرگەزمىسى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلدى، ۋىلايىتىمىز ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بەدەل پورتىنىڭ ۋىلايىتىمىز بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سودا، ئادىمىيەت، ساياھەت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان قولايلىق شارائىتى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: پورتنىڭ ئېچىلىشى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تىرانسپورت ۋاقتى ۋە ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ساياھەت يېڭى يولىنى ئېچىشىغا پايدىلىق بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى بىلەن چېگرا ھالقىغان ساياھەت كەسپىنىڭ جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئىجتىمائىي قىممەت ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.

كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ۋىلايىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستاننىڭ 20دىن ئارتۇق كارخانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم قىرغىزىستاندىكى كارخانىچىلارنى ئاقسۇغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، سودا سىياسىتى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ چۈشىنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تۈر، ياخشى تۈرلەرنىڭ ۋىلايىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىنى، ۋىلايىتىمىزدە ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، ۋىلايەت مەسلىھەت سورىغان جەمئىي 40 نەچچە چەت ئەل كارخانىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كارخانىنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇددىئاسى بار بولۇپ، 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك زاكاز مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر قاتارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۇنجى سېلىنما سوممىسىنى 1 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش