دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا 20 يىل بولدى
​4933 نەپەر پىدائىي ئاقسۇغا مۇلازىمەت قىلدى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-01 12:05:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لېي شياۋخۇي خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى تەربىيەلەش، ئەۋەتىش ـ يولغا سېلىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، 2023 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە، ۋىلايىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى جەمئىي 958 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك تۈر بويىچە 378 كىشى، يەرلىك تۈر بويىچە 580 كىشى بار ئىكەن. ھازىر 2023 ـ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، ئۇلار پات ئارىدا ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

يولغا سېلىش مۇراسىمىدا، بارلىق پىدائىيلار ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بەردى: مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن شەرەپلىك ھالدا ياش پىدائىي بولدۇم، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەمىنات بىلەن ھېسابلاشماي، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پىدائىيلار روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن !

خاربىن سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ 2021 ـ يىللىق ئاسپىرانتى، مائارىپقا ياردەم بەرگۈچىلەر ئۆمىكى كۇچا ئەترىتىنىڭ باشلىقى لۇ رېنچى مۇنداق دېدى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غەربىي قىسىمغا مۇلازىمەت قىلىش، غەربىي قىسىمنى گۈللەندۈرۈش مېنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان، ئۆمۈر بويى نەپكە ئېرىشىدىغان كەچۈرمىشىم. مەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۆزۈمنىڭ بىلىمى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تاماملايمەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە جەمئىي 4933 نەپەر پىدائىينى قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت كۈچىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش