دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يەتتى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-01 12:10:23

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۇ شۆتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېي كەي خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.4 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە 5 ـ ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 7 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.6 ئاشقان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك رۇنسەن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئامىنەم مەتتوختى مۇنداق دېدى: يېقىندا، شىركىتىمىز جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى ئارقىلىق تۈركمەنىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ياڭاق زاكازىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىشىكتىن چىقماي تۇرۇپلا ئاقسۇ تاموژنىسىنىڭ «بۇلۇتتا تەستىقلاپ تارقىتىش» ئېكسپورت قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش گۇۋاھنامىسىنى قولىمىزغا ئالدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئىش بېجىرىش تەننەرخى تېجەلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ تاموژنىسى سۇپا، يول، مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، كارخانىلار تاموژنىنىڭ تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈش كەسپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش گۇۋاھنامىسىنى «بۇلۇتتا تەستىقلاپ تارقىتىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكىدىن پايدىلىنىپ ئېكسپورت قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ئۆزى تۈزسە بولىدىغان بولۇپ، تاموژنا توردا تەستىقلاشنى تاماملاپ، كارخانىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە تاموژنىنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

شىنجاڭ قىزىل ئورمان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار ئېكسپورت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ياڭاقلارنى ئىلغاپ قاچىلاۋاتاتتى.

شىنجاڭ قىزىل ئورمان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ شەن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇ يىل جەمئىي 350 توننىدىن ئارتۇق ياڭاقنى ئېكسپورت قىلدۇق. بىز ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنى ئاساس قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياڭاق ۋە ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىغا سېتىشنى قانات يايدۇردۇق، ھازىر بىزنىڭ ياڭاق ئېكسپورت قىلىش سۈرئىتىمىز ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ياڭاق ئېكسپورت قىلىش مىقدارىمىزمۇ توختىماي ئېشىۋاتىدۇ.

ئاقسۇ تاموژنىسى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنى كۆپەيتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ يېڭىدىن ئەنگە ئالدۇرغان ئورۇندىن 40ى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئالتىسى كۆپەيدى؛ كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تەۋەلىكتىكى فېنولسىزلانغان چىگىت ئاقسىلى تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىندى، ئۆرۈك مۇرابباسى تۇنجى قېتىم ۋېنگرىيەگە، زىرە تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېكسپورت قىلىندى، يەنە كارخانىلارنى RCEP قاتارلىق تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتەك ئېتىبارلىق سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، «ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتۈش + بىر بېكەت شەكلىدە بېجىرىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش، تېز تەكشۈرۈپ تېز قويۇپ بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاقسۇ تاموژنىسى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ھازىر بار بولغان ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تاموژنىنىڭ قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنى باجنى ئازايتىش ـ كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، AEO يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسپات بەرگۈچى كارخانىلارنىڭ سانىنى پۇختا قەدەمدە كۆپەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش