دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋۇ خۇڭجەن جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ چىڭشۆ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-01 12:13:45

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ساۋ شياڭبو، ليۇ مېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن خۇاڭ چىڭشۆ، جىن جىشىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، خۇاڭ چىڭشۆ بۇ قېتىم ۋىلايىتىمىزگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، كۆمۈر، كۆمۈر قاتلىمى گازى، نېفىت قاتارلىق تۈرلۈك ئېنېرگىيە بايلىقى مول، تەرەققىياتى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالى پارلاق.  بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى ئاقسۇنىڭ كەسىپ ۋە بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،   

پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن خۇاڭ چىڭشۆ قاتارلىقلارنىڭ ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىزنىڭ رايون ئورنى ئۆزگىچە، بايلىقى مول، تاغ - دەريالىرى گۈزەل بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، كۈتۈنۈش، ئوقۇش، داۋالىنىش، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان جاي. ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئۇزۇن مەزگىل مېتال ماتېرىياللارنى شەكىلگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك جابدۇقلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەن تەتقىقات يۆنىلىشى ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ناھايىتى ماس كېلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى دەل ۋاقتىدا بولدى، بوشلۇق كەڭرى. ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ ۋىلايىتىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سۆھبەتلىشىشكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن، ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىدىكىلەر ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش