دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

16 مىليارد 829 مىليون يۈەن ! ۋىلايىتىمىز ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-31 11:49:13

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چەي مېي خەۋەر قىلىدۇ )7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليارد 829 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەت ۋە كېچىلىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش، كىرېدىت مەدىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئىستېمال ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋىلايەت مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل بولغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، 20 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى ئاجرىتىپ، «ئاقسۇدا خۇشال مال سېتىۋېلىش» ئىستېمال بېلىتى ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 621 مىڭ پارچە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، تەخمىنەن 118 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى؛ 1 مىليون يۈەنلىك ئېلېكتىرونلۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، 63 ساياھەت كارخانىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى؛ ئاپتوموبىل ئىستېمالى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 867 ئىستېمالچىغا جەمئىي 3 مىليون 31 مىڭ يۈەن يارەم تولۇقلىمىسى بەردى؛ «2023 ـ يىللىق جېجياڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى . جەنۇبىي شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى»نى كۆڭۈل قويۇپ ئۇيۇشتۇرۇپ، سودا سوممىسىنى 20 مىليون 878 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكۈزدى، نەق مەيداندا 264 مىليون يۈەنلىك سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى؛ «2023 ـ يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، باھادا ئېتىبار بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسىدىن 60 نەچچە مەيدان (قېتىم) تەشكىللەپ ھەم يېتەكلەپ، جەمئىي 543 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى تۈرلۈك چارە ـ ئامال ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆپەيتىپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش