دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 32 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-31 11:51:48

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۇڭ يالى خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت مالىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 32 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.2 ئاشقان، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېشىش نىسبىتى شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە 2 ـ ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنغان چىقىم 25 مىليارد 556 مىليون يۈەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %77.9ىنى ئىگىلىگەن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈپ تەدبىر. ۋىلايەت مالىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، چىقىم خامچوتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلارنىڭ بوش ئىش ئورۇنلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ ۋە دەل جايىدا تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، كەسپىگە ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى نۇقتىلىق تاللاپ چىقتى ھەم جەمئىيەتكە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ خەۋەردار بولۇش دەرىجىسى، قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئايشەم داۋۇت مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزدۈم، ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئىش ئورنلىرىنىڭ شارائىتى شۇنداق ياخشى ئىكەن، يەنە خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى. مەن بىر دۆلەت كارخانىسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مالىيە كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى داۋاملىق پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى» خامچوتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، خەلق ئۈچۈن پۇلنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش