دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
​بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-31 12:39:11

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 7 -ئاينىڭ 27 -كۈنى، ۋىلايەت ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىك  سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەتنى بايان قىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق كۆزلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭجەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر -جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر -ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر -جەڭچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ «قىسىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، يەرلىك شۇنىڭغا ياردەم بېرىش، يەرلىك قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، قىسىم ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مۇھەببىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى.

ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى قىسىملارنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، غەلبىلىك جەڭ قىلىش، ئىستىل ئېسىل بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىغا پائال ئاتلىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «كېيىنكى يول»، «ئارقا ھويلا»، «كېيىنكى ئەۋلاد»  مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ھەم راۋاجلاندۇرۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئەندىشىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى كۈچەپ پۈتۈشى كېرەك.

ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ رەھبەرلىرى ئاقسۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىسىم قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، ئاقسۇنىڭ ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئارمىيە ـ خەلق بىرلەشمە مۇداپىئە خىزمىتى ۋە ئارمىيە ـ خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى دوكلات قىلىندى. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى ۋە ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كادىرلار، جەڭچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگىچە ئېچىلدى. ۋىلايەت ۋە ئاقسۇ شۆبە ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ بىن، ۋاڭ لۇجۈن، چاڭ يۈشۈەن، شۆ جيەنچياڭ، چىن يەنكې، بورھان مەمەت قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش