دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 26 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى
​پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-31 12:42:34

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 26 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىن ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقىلدى، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماق (ئورۇن)لار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىياپىتى بىلەن كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ھەقىقىي، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئادىل مۇھىت، مۇقىم مۆلچەر ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشى كېرەك.ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇللۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «ئىستېمال سىياسىتى + ئىستېمال بېلىتى + سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى»نىڭ بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، دىققەتنى سودا ـ ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەرگە سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشى كېرەك.   نۆۋەتتىكى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خاس مەھسۇلاتلارنى يارىتىش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپ تەپەككۇرىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، «كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىق، كۈچ سېلىشتۇرمىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچقا چىڭ قادىلىپ، «چەمبەر مەركىزىنى چىڭ ساقلاش، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىش»نىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، «بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش»تەك خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋىلايىتىمىز بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئورمان ـ ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش لازىم.

يىغىندا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مائارىپ، سەھىيە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاندا مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بايلىقتا مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كاپالەتلەندۈرۈش، بايلىقتا مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تۈزەش ئىقتىدارى ۋە تۈزەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش ـ ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش ـ دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش ـ ئۇزاققىچە چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇشتا قىلچە توختاپ قالماي، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش