دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-07-13 11:48:12

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەم تۇرپان شەھىرى، سانجى شەھىرىدە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىنىپ، 17 كۈن داۋاملىشىدۇ، رۇسىيە، قازاقىستان، كورېيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەمدە جۇڭگونىڭ بىرقىسىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى 60 مەيدان نادىر نومۇرلارنى تەقدىم قىلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باش تېمىسى روشەن، يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، دىققەت يىپەك يولى باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا «ئارزۇغا تولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش، ئىناق، گۈزەل يىپەك يولى» باش تېما قىلىنغان، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن تەكلىپ قىلىنغان 1000دىن ئارتۇق سەنئەتكار شىنجاڭغا جەم بولۇپ، سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىنىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، جۇڭگوچە ئۇسلۇب گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىدۇ. تەكلىپكە ئاساسەن «ياپيېشىل تاغ - دەريالار − ئۇسسۇللۇق سىزما <بىپايان>» «سۈپسۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقتى» «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك، ۋەكىل خاراكتېرلىك مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرلىرىدا ئۇسسۇل گۈزەللىكى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگوچە سالاپەت ۋە جۇڭگو روھى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ. «چاقناپ تۇرغان يىپەك يولى، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاش» مودا كىيىم كۆرىكى، شىنجاڭ «يىپەك يولى» كوچا ئۇسسۇلى كۆرگەزمە ئويۇنى، شىنجاڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» مەيدان ئۇسسۇلى كۆرگەزمە ئويۇنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يانداشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىدۇ؛ باھاسى تۆۋەن بېلەت، ئاممىۋى پاراۋانلىق مەخسۇس مەيدانى، تاراتقۇلار ئارقىلىق بېلەت تالىشىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى زېيى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، خەلقئارا ئۇسسۇل سەنئىتى توپلىنىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھى ئىشلىگەن «ياپيېشىل تاغ - دەريالار − ئۇسسۇللۇق سىزما <بىپايان>» ناملىق ئۇسسۇللۇق شېئىرىي دىراما 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا قويۇلىدۇ. «بۇ تىياتىردا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت تىندۇرمىسى نامايان قىلىنغان، ئۈچ قېتىملىق سەييارە ئويۇن قويۇشتا 41 شەھەردە 332 مەيدان ئويۇن قويدۇق، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى كۆزنىكى ئارقىلىق، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىگە تايىنىپ دوستلۇق، ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <مەدەنىيەت> سالاھىيىتىدە ئۇسسۇل بايرىمىدا دوستلۇق گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جۇڭگو شەرق سەنئەت گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جىڭ شياۋيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش