دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8 - ئايدا كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-07-13 11:52:50

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭنىڭ 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «تىيانشانغا رىشتە باغلاش، بايىنغولىن جور بولۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، ۋاسكېتبول، روۋداۋ، بوكس، تەيچۇەنداۋ، چامباشچىلىق قاتارلىق جەمئىي 20 چوڭ تۈر، 687 كىچىك تۈر بويىچە ماھارەت تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر، ئالدىن تىزىملاتقان ئادەم سانى 8000غا يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بىرقەدەر زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 13 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەڭ تولۇق، تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەڭ كەڭ، قاتنىشىدىغان ماھىر سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

ماھارەت تەنتەربىيەسى مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇلۇش بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە تۇنجى قېتىم ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى تەسىس قىلىندى. پائالىيەتتە «14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالايلى، ھەممەيلەن تەڭ قاتنىشايلى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دائىرىسى كەڭ، ياخشى ئاساسقا ئىگە بولغان جەمئىي 38 چوڭ تۈر، 195 كىچىك تۈردىكى ئەنئەنىۋى مۇسابىقە پائالىيىتى ھەم ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىندى، مۇسابىقە ئورنى شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاڭ خۇڭبو مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەھەللە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۆلەت تەنتەربىيە چېنىقىش ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەمگە يېتىش سىناق مۇسابىقىسى ھەم پەي توپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلاملىق يەل گۇمپىسى، مارافون يۈگۈرۈش قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئالدى بىلەن باشلاندى، قاتناشقان ماھىر سانى 10 مىڭدىن ئاشتى. كېيىنكى مەزگىلدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ گۇاڭلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە بىر قىسىم تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھازىر بار بولغان تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى ئاساسىدا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئالاقىدار تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنى كۈتۈۋالىدىغان مېھمانخانا، ئاپتوموبىل كاپالىتى، مەيدان، سايمان، داۋالاش - سەھىيە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق كاپالەت خىزمىتى 953 پىدائىينىڭ ماسلىشىشىدا تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش