دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ياز كۈنى سالقىنلىق يەتكۈزۈش» تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەردىن ھال سوراش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-07-13 11:54:43

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا، بىرىنچى سەپتىكى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرگە سالقىنلىق يەتكۈزۈش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش، تومۇز ئىسسىقتا توختىماي ئىشلەۋاتقان «كىچىك ھەسەل ھەرىلىرى»گە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، «ياز كۈنى سالقىنلىق يەتكۈزۈش» تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭتۇڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلىرىگە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھىر- شەپقەت سوۋغىتىنى سوۋغا قىلدى. (سۈرەتنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ جىڭدۇڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلارغا مىنېرال سۇ، قوغۇن، شاپتۇل، قېتىق قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەمدە تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن چوڭقۇر پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئەھۋالى، كىرىم ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.

  شۇ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان جۇڭتۇڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۈنلۈك، ئىستاكان، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھىر- شەپقەت سوۋغىتىنى سوۋغا قىلىپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى تۈزگەن ياز پەسلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىلاردىن سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

قومۇل شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەرلىك تېز يەتكۈزۈش كەسپى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ تېز يەتكۈزۈش كەسپى خادىملىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەردى. (سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

  قومۇل شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەرلىك تېز يەتكۈزۈش كەسپى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ پوچتا، شۇنفېڭ، جۇڭتۇڭ قاتارلىق توققۇز تېز يەتكۈزۈش ئورنىدىكى كەسپىي خادىملارغا 13 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مىنېرال سۇ، ئىچىملىك، ھۆل قەغەز قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا دىققەت قىلىپ، سىرتتا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئەسكەرتتى، بارلىق تېز يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئۆز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ياز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھال سوراش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىپ، يەتكۈزۈش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ياز كۈنى سالقىنلىق يەتكۈزۈش» ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھال سوراش پائالىيىتى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنى ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار بەس- بەستە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلىز

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش