دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-13 11:35:33

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ۋىلايەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى يۇقىرى ـ تۆۋەن ئورۇنلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشقا كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەھەر ـ بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 25 مىڭ 200گە، يېزىلاردىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى 166 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)گە يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 72 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ سىجىل مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ۋىلايەت ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 404 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 114 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى ياردەم تولۇقلىمىسى خاراكتېرلىك تەربىيەلەپ، تۈرلۈك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 545 مەيدان (قېتىم) تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، 39 مىڭ 600 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 147 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇرۇپ، 9730 ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى ھالەتنى ساقلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرى، تىزىملانغان ئىشسىزلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر قاتارلىق توپنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق توپلارغا ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىشىنىڭ مۇقىم بولۇشى، سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ ئۇچۇرلارنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «بىر ئائىلىگە بىر قوللانما» ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشسىزلار، يۇرتىغا قايتقانلار، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى بارلاردىن ئىبارەت «تۆت خىل تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا تەشۋىقات ئارقىلىق سەپەرۋەر قىلىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ناھىيە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەك ئىشلىرى ماركىسى بەرپا قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كەسىپ يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى كارخانىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇچۇر توپلاش، ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىش ئىزدەش، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى قىلىپ، بازارلاشقان مۇلازىمەت كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «بىر ناھىيەدە بىر پارچە ـ پۇرات ئىشلار بازىرى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى گۇڭشياڭ كەنتىدىكى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى، ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ قۇمۇچئۆستەڭ كەنتىدىكى يېزا ـ كەنت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پونكىتى قاتارلىق جايلارنى ئەمەلىي كۆرەك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش