دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدە 139 مىليون يۈەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند ئۆسۈمى 193 مىڭ 200 ھەق تاپشۇرغۇچى ـ ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-13 11:38:39

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى يىفەن خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەتنىڭ تۇرالغۇ ئاممۋى فوندىنىڭ 2023 ـ يىللىق ئۆسۈمىنى بوغۇش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان بولۇپ، جەمئىي 3892 ھەق تاپشۇرغۇچى ـ ئامانەت قويغۇچى ئورۇندىكى 193 مىڭ 200 ھەق تاپشۇرغان ـ ئامانەت قويغان ئىشچى ـ خىزمەتچى (جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان 586 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ بوغۇلغان ئۆسۈمى 139 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۆسۈمى بوغۇلغان ئادەم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7117 كىشى كۆپەيگەن، بوغۇلغان ئۆسۈم سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليون 305 مىڭ 300 يۈەن كۆپەيگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغۇچى ـ ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %1.5ى بويىچە ھەق تاپشۇرغان ـ ئامانەت قويغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە ئۆسۈمىنى بوغۇپ بەردى، بۇ قېتىمقى ئۆسۈمنى بوغۇش ۋاقتى 2022 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 2023 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە بولدى.

ئۆسۈمنى بوغۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى يەنە ھەق تاپشۇرغان ـ ئامانەت قويغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە قىسقا ئۇچۇر يوللىدى، ھەق تاپشۇرغان ـ ئامانەت قويغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر تور ۋە تور سىرتىدىكى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىنىڭ ئۆسۈمنى بوغۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈمىنى بوغۇپ بەرسە ئۆسۈم بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاممىۋى فوندى ئامانەت پۇلىنىڭ قىممىتى ساقلىنىپ ۋە ئېشىپ، ھەق تاپشۇرغان ـ ئامانەت قويغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىدىن پايدىلىنىپ «ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئۆيى بارلار تېخىمۇ ياخشى ئولتۇرالايدىغان بولۇش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش