دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت بويىچە ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن يىغىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-13 11:39:52

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ جىجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ۋىلايەت بويىچە يىغىلغان ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.34 ئېشىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى پۇقرالارنىڭ «جان ساقلاش پۇلى» بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، «ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەممەيلەن مەنپەئەتلىنىش»، «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش»تەك ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، دائىرىنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە قېزىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى يىغىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا  تۈرتكە بولدى.

دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۈرلەرنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىلىرىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالدىن قاتناشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلۈك دائىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا تەتبىقلاپ باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنى ئىشتا يارىلىنىش كاپالىتى سىياسىتىگە كىرگۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈردى. دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،  ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئامبىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ سېلىشتۇرۇپ، نەزەرنى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورۇننى دەل جايىدا بېكىتىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ھېسابلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، فوندنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى يىغىش خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان ۋە چۈشۈرۈپ بېرىدىغان تۈرلۈك فوندلارنى ئىلمىي، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىشتە خەلقتىن ئېلىپ خەلققە ئىشلىتىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، ئاغرىپ قالسا تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلالايدىغان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش