دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتى تېزلىتىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-12 10:26:03

     ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەزىليە تۇرغۇن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىدارىسىنىڭ كۆزنىكىدە، بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ئەپەندى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن 10 مىنۇتتىلا توردا ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى بېجىرىپ بولدۇم، شۇ كۈنىلا تۈرنى باھالاش تاماملاندى، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىدارىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى رازى قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇلازىمەت شەكلىنى كېڭەيتىپ، خەلققە قولايلىق تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانا ۋە ئاممىنى «تېز»، «سالماققا ئىگە»، «ئىللىق» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ بېىشىدا، ۋىلايەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىگە قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى كەلگەن ھامان بېجىرىشنى يولغا قويدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئشىلىرى مۇلازىمەت تورى ئارقىلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ماتېرىياللار تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولسىلا، كۆزنەك شۇ كۈنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنى يوللاپ بېرىدۇ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بۆلۈمى شۇ كۈنىلا تېخنىكىلىق باھالاش تەرتىپىنى باشلايدۇ. باھالاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت كۈنى ئەسلىدىكى ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقىراپ، تۈرلەرنىڭ ماكانلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

ۋىلايەت يەنە بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش پىكرىگە قارىتا رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. تۈرنى تەكشۈرۈشكە يوللاش باسقۇچىدا، بۇلغىما ئومۇمىي مىقدار كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش پىكرى كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇناسىپ ۋەدىلەرنى بەرگەندىن كېيىن، نورمال تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت تەرتىپى بويىچە ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ، بارلىق كەم ماتېرىياللارنى تولۇقلىغاندىن كېيىن رەسمىي تەستىقلايدۇ، بۇ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى بېجىرىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت يەنە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئىجازىتى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى ئەنگە ئېلىش ئىش تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىلا بىر قېتىمدىلا ئىلتىماس قىلالايدۇ، شۇنداقلا مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچ قوشۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش