دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى قوغدىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-12 10:49:20

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ پېيلەن خەۋەر قىلىدۇ) يان تېلېفوننىڭ سىگنالى تولۇق، تاشيول تەكشى، ھاجەتخانا پاكىز... بۇ خۇبېي جىڭمېندىن كەلگەن ساياھەتچى شۆ چاۋفېڭ ۋە ئايالىنىڭ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندىكى تەسىراتى. شۆ چاۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكى پاكار بولغاچقا، بىز يۈرۈش جەريانىدا قولايسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن تاشيول ناھايىتى تەكشى ئىكەن. بىز يول بويى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغاچ سۈرەتكە چۈشتۇق، تولىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولدۇق.

مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى تىيانشان تېغىنىڭ ئومۇرتقىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول بولۇپ، يېرىم يول بۆلىكى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە، ساياھەتچىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكلى ئارقىلىق تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۇچا شەھىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە لىنىيە بويىدىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئورتاق ماسىلىشىشى بىلەن، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلدى. كۇچا شەھىرى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدە، ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن ئۈچنى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن بىرنى قۇردى ھەم لىنىيە بويىدىكى ئەسلىدە بار بولغان بەش ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدى؛ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى تۆت جايدا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ شايار ناھىيەسى لىنىيەسىدىكى بىر قىسىم ئۇلىنىش ئېغىزلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرىنى رېمونت قىلىپ، ئالتە جايغا قاتناش بەلگە تاختىسى، ئىككى جايغا تاشيول مۇداپىئە رېشاتكىسى، بىر جايغا تاشيول نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى ئورناتتى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى G217 لىنىيەسى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى چوڭ كۆل بۆلىكىنىڭ ئېلېكتىر كۈچى ئەسلىھە ـ ئۈسكۈنىلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردى؛ ۋىلايىتىمىزدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قەرەللىك ئاسراپ، تۆت يۈرۈش ئېغىرلىقنى ئۆلچەش تىپىدىكى ھۆل ـ يېغىن سېنزورىنى يېڭىدىن ئورناتتى، يەتتە ئىككى ئامىللىق ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئالتە ئامىللىق ئاپتوماتىك مېتېئورولوگىيە  پونكىتىغا ئۆستۈرۈپ، ھاۋا رايى مەلۇماتىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۇچا شەھىرى تۇزلۇق ئېقىن ھەق ئېلىش پونكىتىغا تايىنىپ قاتناش ئېقىمىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ھازىر بار بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل ئېقىمىنى ئۆلچەپ، ئىستاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت جانلانغان مەزگىلدىكى ئەتراپتىكى مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمى، مېھمانسارايلارغا كىرىش نىسبىتى قاتارلىق چوڭ سانلىق مەلۇماتقا بىرلەشتۈرۈپ، ئېقىم بۆلۈپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى. ساياھەت سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز ساياھەت بازىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى كۈسەن . جەلپكار ئاقسۇ» ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە گۈزەل نامىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش