دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«ياخشىمۇسىز، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنە شەھەر» بويىچە ئاقسۇ پونكىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-07-12 10:51:50

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، «ياخشىمۇسىز، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنە شەھەر» بويىچە ئاقسۇ پونكىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ تەشۋىقات پائالىيتى ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە جاپاغا چىداپ ئاساس تىكلەش، بىرلىكتە چېگرانى قوغداش، يېزا ـ كەنىتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ۋىلايەتنىڭ «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»تىكى خىزمەت نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ شۆليۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى تەبرىك سۆزى قىلدى.

ئادىل ئەلى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قىسىمنىڭ ئېھتىياجى بولسا يەرلىك ياردەم قىلىش، يەرلىكنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا قىسىم ياردەم بېرىش» خىزمەت تەلىپى بويىچە، باشتىن ئاخىر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىپ، قىسىمغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە جەڭگە تەييارلىق قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىق ھەر جەھەتلەردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى؛ باشتىن ـ ئاخىر ھۆرمەتلەپ، ئېتىبار بېرىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئوقۇشى، ئولتۇراقلىشىشىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئارمىيە ـ خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى. ۋىلايەت بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت قىلىپ، «ئىككىنى ھىمايەت قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزۈلۈك ئۆستۈرۈپ، قىسىم ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق سىياسەت ئەلا، تۈزۈلمە يېڭى بولغان، ئارمىيە ـ خەلق ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك ئۆتىدىغان، كەيپىيات قويۇقلاشقان، تولۇق قاپلىغان «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «ئىككىنى ھىمايەت قىلىش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ.

پائالىيەتتە، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ھەمبەھرىلىگۈچىلەر «كۆكياردا جەڭ قىلىش»،«20 يىل پولۇ ئاپىرىش»، «مەن ھەربىي يەڭگە»، «مېنىڭ جاۋابىم»، «سىزدەك بولغۇم بار» قاتارلىق «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، «ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش» بولغان ئارمىيە ـ خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر ھېسىياتىنى نامايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «ياخشىمۇسىز، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر» بويىچە پۈتۈن تاراتقۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە باشلانغان، ئاقسۇ پونكىتى پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى مەيدان پائالىيەت ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى چيەن جېڭفېڭ، ۋىلايەت ۋە ئاقسۇ شۆبە ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ بىن، چاڭ يۈشۈەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش