دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 مىليارد 70 مىليون يۈەن! شىنجاڭدىكى كونىراپ كەتكەن 62 يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلىنىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-14 12:18:51

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنما 1 مىليارد 70 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كونىراپ كەتكەن 62 يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاش تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

  يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى شەھەر «جان تومۇرى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كونىراپ كەتكەن يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى يېڭىلاش ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئەمەلىيەت قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ كونىراپ كەتكەن تۇرۇبا تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ياردەم پۇل مەبلىغىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قولغا كەلتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ سوممىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %91 ئاشقان بولۇپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى ئاساس قىلغان شەھەر-بازارلارنىڭ 568 كىلومېتىر يانداش كونا تۇرۇبا تورىنى ياخشىلاپ، شۇ جايغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنىڭ 500 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.

شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىنىڭ رېمونتچىسى يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش ساندۇقىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ-ئۆلچەپ رېمونت قىلماقتا.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تۈر ئورۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش شارائىتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەرنى يېڭىلاشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، شەھەر بىخەتەرلىكىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش