دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

2023-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «ئانام بىلەن بىللە ئىلىم-پەن ئۆگىنىمەن» پائالىيىتى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-14 12:20:01

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2023-يىللىق «ئانام بىلەن بىللە ئىلىم-پەن ئۆگىنىمەن» پائالىيىتى باشلانغان. پائالىيەت ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام رايونلىرىدىكى ئاياللار ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەندۈرۈلگەن، مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەردىكى يېزا ئاياللىرى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان بولۇپ، ئانىلار ۋە بالىلار بىرلىكتە ئۆگىنىش شەكلىدە ئىلىم-پەننى بىرلىكتە ئۆگىنىش، تور يولى ئارقىلىق ئىلىم-پەننى تارقىتىش، خاس مەزمۇن ئارقىلىق يۇرتنى تەشۋىق قىلىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    پائالىيەتتە «ئانام بىلەن بىللە ئىلىم-پەن ئۆگىنىمەن  گۈزەل يۇرتۇمغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىمەن» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدىكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاياللار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىردەك قاتناشسا بولىدىكەن. پائالىيەتكە قاتناشقان ئانا-بالىلار بىرلىكتە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى ئوقۇپ، بايان قىلىپ، قىسقا فىلىم ئىشلەپ ھەم دوۋيىنغا يوللاپ، پاراڭ تېمىسى بەلگىسى# پەن-تېخنىكا نۇقتىسىدىن يۇرتقا نەزەر#نى ئېلان قىلىدىكەن. سىنغا ئېلىشتا «ئانام ئۈچۈن دېكلاماتسىيە قىلىمەن» «ئانام بىلەن بىللە دېكلاماتسىيە قىلىمەن» «ئانام بىلەن بىللە ئىلمىي تەجرىبە ئىشلەيمەن» «يۇرتۇمنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى، ئالىملىرىنى تونۇشتۇرىمەن» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى بىلەن يەرلىك خاسلىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇرتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى، پەن-مائارىپ بازىسى، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلارنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

   پائالىيەتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلار، ئالىملار روھى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق رەددىيە بېرىش، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، داۋالاش-ساغلاملىق قاتارلىق تېمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئاياللىرى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىشىغا ماس كېلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا ماقالىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە قېزىپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى دېكلاماتسىيە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلسا ھەم شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خاس پائالىيەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدىكەن، تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، چاقىرىق قىلىپ رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەھەللە، كەنت، مەكتەپتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تۈرتكە بولسا بولىدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا «ئانام بىلەن ئىلىم-پەن ئۆگىنىمەن» پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 232 ناھىيە، 730 مەكتەپنى قاپلىغان بولۇپ، جەمئىي 150 مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشقان، ئوقۇغۇچىلار يوللىغان مۇنەۋۋەر سىن ئەسىرى 10 مىڭ 374 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي قويۇلۇش مىقدارى 540 مىليون قېتىمغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش