دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇت ۋاقتى:2023-06-14 17:47:02

  6- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئەشيا ئوبوروتى بويىچە تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە ئالاقىدار 101 كارخانا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياتەي خەلقئارا سودا شەھەرچىسى شادلىق مىنۇتلىرى يېمەك- ئىچمەك كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا، نەق مەيداندا ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلدى.

خىزمەت ئىزدىگۈچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. مۇخبىر شى چۇەنجى فوتوسى

  شۇ كۈنى، 2023- يىللىق «100 كۈندە 10 مىليون ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى»− ئاپتونوم رايوننىڭ ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. 101 كارخانا ئورۇن 670 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 3439 خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خادىملىرى نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا 200دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى تەلىپى ئۇچۇرىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ خىزمەت ئورۇنلىرى زاپاس تور نۇقتىلىرىغا مەسئۇل كىشى، قوبۇل قىلىپ ئەۋەتكۈچى، ئامبار باشقۇرغۇچى، ئايرىغۇچى، يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسى شوپۇرى، پىراكتىكانت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئەشيا ئوبوروتى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۈ جيا كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بولغاچقا، ھازىر پىراكتىكا پۇرسىتى ئىزدىمەكتە. «مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا كارخانا، ئىش ئورنى كۆپ ئىكەن، تەكلىپ قىلغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئىزدەش يۆنىلىشىمگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم.» دېدى يۈ جيا، ھازىر بىر كارخانا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتىنى بىۋاسىتە پۈتۈشۈپتۇ.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ۋە نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، 185 ئادەم قېتىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن دەسلەپكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىغا يەتتى. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، 70 كارخانا توردا يىغىنغا قاتناشتى، 1301 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 13 مىڭ 870 ئادەم تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى، توردا 4246 پارچە قىسقىچە تەرجىمىھالى يەتكۈزۈلدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە كۆرۈش مىقدارى 204 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار ماس قەدەمدە نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى (http://www.wlmqrc.com)غا تايىنىپ، تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان كارخانا ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى توردا ئىش ئورنىنى كۆرسىتىش، توردا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يەتكۈزۈش يولى بىلەن تەمىنلەپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كارخانا بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىدۇ. (مۇخبىر شى چۇەنجى)

پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش