دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-14 13:13:15

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرلىرىمىز لۇ شۆتىڭ، ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يې يۈنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تۆنۈگۈندىن باشلاپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بەش كۈن قانات يايدۇرىدىكەن.

تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئارخىپ كۆرۈش، دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە قاتناش، كان، ئوت مۇداپىئەسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ.

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى پۇرسەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ۋە ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش 2023 ـ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ. قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش»تەك قويۇق كەيپىيات يارىتىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى «15 تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «70 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرى»نى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. 1 ـ ئايدىن 5 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئېلېكتىر كۈچى، سانائەت ـ سودا، ئالاھىدە جابدۇق قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپتىن 17مىڭدىن ئارتۇقنى تۈگەتتى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاۋ دايى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش