دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى 2023 ـ يىلى 2 ـ قېتىملىق يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-14 13:15:58

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز ۋۇ جىپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ تاۋ خەۋەر قىلىدۇ) 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى 2023 ـ يىلى 2 ـ قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، «ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2022 ـ يىللىق ۋىلايەت مالىيەسى نەق چوتى (لايىھەسى) توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2022 ـ يىللىق ۋىلايەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم ـ چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2022 ـ يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى» قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، 2022 ـ يىللىق ۋىلايەت مالىيەسى نەق چوتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئالاقىدار تارماقلار خامچوت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە قارىتا ئەگىشىپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، مۇھىتقا ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت مۈلكىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنىڭ قېلىپلىشىشى، قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى پاسسىپ تىزىملىكنى تۈگىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. خوجىلىق باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خوجىلىق باشقۇرۇشتىكى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تۆۋەنگە يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خوجىلىق باشقۇرۇش بىلەن مەھەللە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا ئاقسۇ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن پەتتار تۇرسۇن، جاۋ دايى ۋە ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، سوت، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى ياكى سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش