دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىكى 1029 تۈردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-14 13:23:34

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى مىن خەۋەر قىلىدۇ) 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە 403 داۋاملاشما تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 629 تۈرنىڭ 626سىدە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلىنىش نىسبىتى %99.52كە يەتكەن.

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ سۇنى ئېلېكتىرولىزلاپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئىش ئورنى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئەسۋابلارنى تۇتاشتۇرۇش، تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى چىرىشتىن ساقلاش، قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاتاكىسىغا ئۆتكەن ئىدى.

بۇ تۈردە 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش پونكىتى، توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش توك لىنىيەسى، ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش، ھىدروگېن ساقلاش ۋە ھىدروگېن يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بەش ئاساسلىق تۈر قۇرۇلۇشى قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش تۈرىنىڭ سىغىمى 1000 مېگاۋات بولۇپ، 1 ـ قاراردا 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 300 مېگاۋات قىلىندى، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى تەخمىنەن 618 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلىدۇ.

ۋىلايەت «تۈر قۇرۇلۇشى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىلى»نىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، 1234 مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. باي ناھىيەسىنىڭ ئارشاڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، G217 لىنىيەسىنىڭ كۇچادىن شايارغىچە بولغان تاشيول بۆلىكى، G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ (ئونسۇ) ـ ئۇچتۇرپان ـ ئاقچى بۆلىكى تاشيولى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرىدىكى 700 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قاتارلىقلار تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىرچىلىقى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرى + ئېنېرگىيە ساقلاشنى بازارلاشتۇرۇپ تورلاشتۇرۇش تۈرى 4 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىشقا باشلىدى.

ۋىلايەت مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «يەتتە بازا»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش