دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​ئىلگىرىكى «ئويمان - دۆڭ يەر» بۈگۈنكى كۈندە «مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئايلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-13 12:37:23

شىنجاڭ ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى:

ئىلگىرىكى «ئويمان - دۆڭ يەر» بۈگۈنكى كۈندە «مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

زۇمرەتتەك كۆل يۈزىدە، ياۋا ئانا ئۆردەك چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى، قوشماق ئۆردەكلەر كۆل يۈزىدە ئويناپ ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتاتتى؛ دەل - دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىغىر يولدا، شەھەر ئاھالىلىرى ئىككى - ئۈچتىن بولۇشۇپ سەيلە قىلغاچ مۇڭدىشىۋاتاتتى... بۇ، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا كۆرگەن مەنزىرە.

ئون يىل ئىلگىرى بۇ يەر مۇھىتى بۇلغانغان، مەينەت، قالايمىقان، ناچار جاي ئىدى.

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 2023 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسى ئاقسۇ شەھىرىدە سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى.

ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سۇ مەنبەسى دولان دەرياسىنىڭ تارمىقىدىن كېلىدۇ. دولان دەرياسى تىيانشان تېغىدىكى قاردىن ئېرىگەن سۇ ۋە تەبىئىي ھۆل - يېغىندىن شەكىللەنگەن دەريا بولغاچقا، سۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لاي - لاتقا بار ئىدى، ئىلگىرى لاي - لاتقا تىنىپ دەريا يولى دائىم توسۇلۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكى قۇم - شېغىل مەيدانلىرى ھەددىدىن زىيادە قېزىلغاچقا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مەينەت سۇ ھەممە يەرنى بىر ئالاتتى.

بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇلۇق يەر باغچىسى 1 -، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ تورىنى تۇتاشتۇرۇش، سۇ سىستېمىسىنى تازىلاش، تۇرۇبا تورىدىكى بۇلغىنىشنى توسۇش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، سۇلۇق يەر باغچىسىدا داۋاملىق «يېشىللىقنى كۆپەيتتى» «سىغىمنى كېڭەيتتى».

ئىپتىدائىي قىياپەتتىكى سۇلۇق يەر باغچىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شۇ جاي ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەسلىدىكى سۇدىن پايدىلىنىپ بىرتۇتاش ئەسلىگە كەلتۈردى، كۆلىمى 5700 مو كېلىدىغان سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇ كۆلىمى ئەسلىدىكى %40تىن %60كە كۆپىيىپ، چوڭ - كىچىك كۆلدىن 22سى بار بولدى.

دەريا سۈيى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چوڭ - كىچىك كۆللەردىن ئۆزگەرتىلگەن ئېكولوگىيە كۆلچىكى، ئېغىر مېتاللارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆلچىكى، مول ئوزۇقلۇقنى تازىلاش كۆلچىكىنىڭ قاتلاممۇقاتلام سۈزۈشى ئارقىلىق تازىلىنىپ، سېرىق لاي سۇ ئەڭ ئاخىرىدا سۈپسۈزۈك 3 - تۈردىكى سۇغا ئايلاندى ھەم شەھەرنى جەنۇب - شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئون كىلومېتىرغا يېقىن دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىغا قۇيۇلۇپ، شەھەر مەنزىرىسىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ مۇھىت سۈپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

«سۇلۇق يەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا، بەشىنچى تۈردىكى سۇ سۈپىتىنىڭ نىسبىتى %40 تۆۋەنلىدى ھەم ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى كەسمە يۈزى بارلىققا كەلدى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قەھرىمان كېرەم.

مۇھىت ياخشىلاندى، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بەس - بەستە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە سۇلۇق يەر باغچىسىغا يۇلغۇن، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئون نەچچە خىل ئۆسۈملۈك تارقالغان بولۇپ، قارا لەيلەك، شىنجاڭ خاپانباش بېلىقى قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يەتتە خىل ھايۋان، شۇنداقلا ئاق قوتان، كۆك قوتان قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 20 نەچچە خىل ھايۋان ماكانلاشقان. ھەر خىل يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر 140 خىلدىن، ياۋايى ھايۋانلار 100 خىلدىن ئاشىدىكەن.

«سۇلۇق يەر باغچىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، بىز ئارام ئېلىپ سەيلە قىلىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مەن دائىم دوستلىرىم بىلەن سۇلۇق يەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن، گۈزەل مەنزىرە كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ.» يەرلىك ئاھالە قەيسەر يولۋاس مۇنداق دېدى: بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن قۇش تۈرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ كۈز كىرگەندىن كېيىن 10 مىڭدىن ئارتۇق پەسىل قۇشى بۇ يەرگە كېلىدۇ، نۇرغۇنلىرىنى بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان.

سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى ئېتىز ۋە باغچە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرى پىلانلاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى 10 مىڭ موغا يېقىن يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش دائىرىسىگە ئۈنۈملۈك كىرگۈزۈپ، ئېچىشقا چەك قويۇپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلىدى.

قەھرىمان كېرەم مۇنداق دېدى: ھازىر سۇلۇق يەر باغچىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق شەھەر «مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئايلاندى. ئاقسۇ شەھىرى «قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خاسلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇ تەڭشەش - سۇ ساقلاش قاتارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، سۇلۇق يەر تەتقىقاتى، ئېكولوگىيەلىك سەيلە - ساياھەت ئىقتىدارىنى پائال جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش