دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى يېپىلدى 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-02 10:41:05

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 6 - ئاي 22 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» بولۇپ، باش تېمىسى «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش». 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 2023 - يىللىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى باشلاش سىنلىق يىغىنى ئېچىپ، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىگە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى»دىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش، خەتەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بىخەتەرلىك تەشۋىقات - تەربىيەسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقى ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى تەشۋىقات - تەربىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش؛ دىققەتنى مەخسۇس ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش؛ دىققەتنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ دىققەتنى ئىبرەت تەربىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ئورنىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائالىيەت لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا تۈزۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پىلانلىق، باسقۇچلۇق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش