دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ​ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مۇنداق بىلدۈردى:
​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 12:58:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيې چاۋ)

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار يىغىن روھىنى تېز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈرمۇتۈر سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشتى.

ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئورمانچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، بايلىقنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.   

ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ۋە مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن مەمەت مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىزنىڭ چارۋىچىلىق سىستېمىسىدىكىلەر چارۋىچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، «قوي، كالىنى كۆپەيتىپ، ئوتلاقنى كېڭەيتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش» پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، خەۋپ ـ خەتەرنى كونترول قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، زامانىۋىلاشقان چارۋىچىلىق تەرەققىياتى يولىدا ياخشى ماڭىمىز.

ھازىر، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى. ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئاگرونومى پېڭ رەنخۇڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز پەرۋىشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچ قوشىمەن.

ۋىلايەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شىفېڭ مۇنداق دېدى: مەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ۋە يېزا تۇرمۇش يۇندىلىرى، ئەخلەتلىرىنى تۈزەش، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمەن.

كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر گو شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: بىز تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «جان تومۇرى» قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كۇچا شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

كۇچا شەھىرى خانىقىتام يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى تۇرغۇن توختى مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، ئېتىز ـ ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئەگمە پارنىك، كۆكتات پارنىكى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ بىرلىك مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش