دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-01 13:01:07

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ يىل 7 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.  

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو ــ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو ــ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، جۇڭگو ــ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بەدەل پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، ۋىلايىتىمىز تاشقى سودا خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش