ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باي ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى كارخانا، يېزا ـ كەنت قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
باي ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىدە، ۋۇ خۇڭجەن كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش، قىزىل سۇ ئامبىرىدىكى لاتقىلارنى ئادالاش، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار، گۈللىنىش سۇ ئامبىرى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا قارىتا «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ»، چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى «تۈرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت كۆزنىكى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئولتۇرۇپ ساقلىغاندىن ئىشىك ئالدىغا بارغان ئەۋزەل» دېگەننى تونۇپ يېتىپ، شەخسەن ئۆزى قادىلىپ بېجىرىپ، قاتراپ بېجىرىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ماكانلىشىشى، بالدۇر پايدا ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە خوتنى يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شۈكۇاڭ گۇرۇھى تىيانشان كانچىلىقى ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنىدا، ۋۇ خۇڭجەن كۆمۈر كاننىڭ قۇدۇق ئاستى بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، گېئولوگىيەلىك شارائىتى، خىزمەت مۇھىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، كۆمۈر كاننىڭ يۈرۈشۈشى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە مەنبەسى كەسىپلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلمىي قويۇپ بېرىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شايار ناھىيەسىدىكى جيارۇن پەن ـ تېخنىكىسى، جياخۇي توقۇمىچىلىقى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى بويۈەن 1 ـ قۇدۇقى، مېيتو ئالاھىدە نېفىت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلاردا، ۋۇ خۇڭجەن كارخانا سېخلىرى، نېفىتلىك ـ گازلىقلارغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نېفىت ـ تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىلارنى مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
ۋۇ خۇڭجەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، يەنە باي ناھىيەسىنىڭ ياقىئېرىق بازىرى، چوڭكۆۋرۈك يېزىسى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى بوستان كەنتى، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى ئىتتىپاق كەنتىگە بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ھەربىر سۆز ـ ھەرىكىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىش قاتارلىق كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئېتىز ـ ئېرىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنى تولۇقلاش ـ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، تۈرلۈك چارە ـ ئامال بىلەن ناچار ھاۋا رايىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لۇجۈن، شەپقەت ھوشۇر قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش