دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايىتىمىز شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسىدە ئۈچ تۈردە چېمپىيونلۇققا، ئىككى تۈردە 2 ـ لىككە ئېرىشتى ۋىلايىتىمىزنىڭ يېنىك ئاتلېتكا كىچىك ماھىرى مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2023 ـ يىلى 5 ـ قېتىملىق تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى مېۋىلەر مەي باغلىغان جەلپكار شىنجاڭ | باھار بالدۇر كېلىدىغان تۇرپاندا ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشتى 2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسىدە ئۈچ تۈردە چېمپىيونلۇققا، ئىككى تۈردە 2 ـ لىككە ئېرىشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-31 10:39:34

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. بەش كۈن كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايىتىمىز ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل . شىنجاڭ ياخشى ـــ قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» باش تېمىسىدا شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2023 ـ يىللىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ۋىلايىتىمىز ۋەكىللەر كوماندىسى ئارىلاش كوللېكتىپ، ئاياللار قوش كىشىلىك، ياش ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ئەرلەر قوش كىشىلىك، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار يالغۇز كىشىلىك تۈرىدە 2 ـ لىككە ئېرىشتى.

ۋىلايىتىمىزدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر خې جيەنپىڭ تارىم داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇ ئارىلاش كوللېكتىپ ۋە ياش ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىزدەك پەي توپ ھەۋەسكارلىرىغا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، مۇسابىقىدە ئۆزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەشىققە تېخىمۇ ياردىمى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى شېن شۆۋېن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار يالغۇز كىشىلىك تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارلىق پەي توپ ھەۋەسكارلىرى ئاقسۇغا جەم بولدۇق، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق، ئۆزئارا ئۆگەندۇق، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 35 ۋەكىللەر كوماندىسى، 327 ئىشچى ـ خىزمەتچى قاتناشقان.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاۋ دايى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش