ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2023 ـ يىللىق مەملىكەتلىك U18 ياشلىقلار يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، ۋىلايىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 ـ چوڭ ئەترىتىگە ئەۋەتكەن كىچىك ماھىر ئەلشىر ئۆمەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 21.08 سېكۇنتلۇق ئەلا نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 21.25 سېكۇنتلۇق شىنجاڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ئەلشىر ئۆمەر مۇنداق دېدى: چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، دۆلەتنىڭ مېنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگەنلىكىگە، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت، مەن تىرېنېر تۈزۈپ بەرگەن پىلاننى زىچ چۆرىدەپ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىم بىلەن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇرتۇم ئاقسۇغا شەرەپ كەلتۈرىمەن.
ئەلشىر ئۆمەر بۇ يىل 17 ياش بولۇپ، 2021 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، ئۇ «يۈرەكلىكلەردىن مايسا تاللاش پىلانى» بويىچە يېنىك ئاتلېتكا «مايسىسى» بولۇپ تاللانغان، كېيىن ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەركەزلىك مەشىقىگە ئەۋەتىلگەن ئىدى، 2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر B گۇرۇپپىسىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 49.73 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى. ۋىلايەتنىڭ يېنىك ئاتلېتكا تىرېنېرى ۋاڭ جىجۇڭ ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسىغا تەۋسىيە قىلدى، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، جاپالىق، ئەستايىدىل مەشىق قىلغاچقا، شۇ يىلى 8 ـ ئايدا ئۇ يەنە بىر دەرىجە ئۆرلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 ـ چوڭ ئەترىتىنىڭ يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسىغا تاللىنىپ، 200 مېتىر ۋە 400 مېتىردىن ئىبارەت ئىككى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدە ئاساسلىق مەشىق قىلدى.
بىرنەچچە ئاي جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئەلشىر ئۆمەرنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، نەتىجىسى تېز ئۆرلەپ، تىرېنېرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەلشىر ئۆمەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 2023 ـ يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، 2023 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا رايون ئايرىمىسى تەكلىپ مۇسابىقىسى، 2023 ـ يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالتە مەيدان مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، دەسلەپكى مەملىكەت بويىچە 51 ـ ئورۇندىن مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇنغا ئۆتتى. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى 2023 ـ يىللىق U18 ياشلىقلار يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە شەرقىي ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئەلشىر ئۆمەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تاللاش مۇسابىقىسىدە 22.25 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن 1 ـ بولدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 21.08 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەرلەر يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئەلشىر ئۆمەر تۇغما تالانتقا ئىگە تەنھەرىكەتچى، ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بوشلۇقى بار، بىز ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئىلمىي، توغرا مەشىق پىلانى تۈزۈپ بەردۇق، ھازىر بىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەي، پۇختا ئاساس سېلىشقا كۈچەيمىز، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى تەنتەربىيە ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە يېتىپ بارالايدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش