ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2023 ـ يىلى 5 ـ قېتىملىق تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 12 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئىمزالانغان سومما 5 مىليارد 389 مىليون يۈەنگە يەتتى.
كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، سوممىسى 4 مىليارد 909 مىليون يۈەنلىك جەمئىي 10 توختام تۈرى ئىمزالاندى؛ سوممىسى 480 مىليون يۈەنلىك ئىككى كېلىشىم تۈرى ئىمزالاندى. بۇ تۈرلەر توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، يېشىل مېۋە ـ كۆكتات، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
يەككە توختام تۈرىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شىنجاڭ جىڭئېن ئالاھىدە تىكىلىدىغان كىيىم ـ كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىلىغا 150 مىڭ توننا دىلۇن خىمىيە تالاسى، 250 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ھاۋا پۈركۈپ يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى، 500 دانە رەخت توقۇش ماشىنىسى، 50 مىڭ توننىلىق بوياش قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، توختام سوممىسى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ يەككە كېلىشىم تۈرىدە ئىمزالانغان سومما ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يىلىغا 50 مىڭ توننا سىم تورنى ئاپتوماتىك كەپشەرلەش، 2000 يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سولياۋ ماشىنىسازلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 450 مىليون يۈەنگە يەتتى.
كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، يەنە ۋىلايىتىمىزنىڭ 1 ـ ئايدىن 5 ـ ئايغىچە بولغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئالدىنقى تۆت قېتىملىق مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ۋە 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەردە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاشتىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، تۈرلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، ۋەزىپە بويىچە پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەرياننى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر پۈتۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىندى.
ۋىلايەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى رەھبەرلىرىدىن ئادىل ئەلى، جيا جىڭلېي، جۇ لېي، شۇنداقلا ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى كېلىشىم ئىمزالاشقا گۇۋاھچى بولدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش