يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى ئورگان گېزىتىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك
بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
لى يىفېي بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە رەھمەت ئېيتتى، بىڭتۇەن گېزىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋە بىڭتۇەن ئاخبارات سېپىدىكى خىزمەتچىلەرگە سالام يوللىدى، بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، بىڭتۇەن گېزىتى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك يۆنىلىشى، قىممەت تاللىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى ئورگان گېزىتىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشىنى كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، بىڭتۇەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىڭتۇەن ساداسىنى تارقىتىپ، بىڭتۇەن ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت، كۈچ قوشۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بايراق روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش تەلىپىنى ئاخبارات ئىشلەپچىقىرىش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، بازىنى باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر تارقىتىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان ئاخبارات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، پارتىيە تاراتقۇلىرىدىن پائال پايدىلىنىپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
شۆ بىن، جاڭ ۋېنشېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو گېزىتچىلىك جەمئىيىتى تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.