دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-30 12:43:30

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

بۇ يىل، ۋىلايەت تۈركۈم، قېتىمغا بۆلۈپ مەخسۇس تېمىلىق كۇرس، مۇھاكىمە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالاقە تورى + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقات سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئۇل سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ  ئۆگىنىش ـ تەتقىق قىلىش ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ دائىرىسى ۋە قاتلىمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيەسى، ساياھەت ئويۇنى، تاشقى تەشۋىقات مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەت ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار)، كەنتلەرنىڭ قوشنا تۇەن ـ مەيدان، ليەندۈيلەر بىلەن قوشماقلىشىشىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەندىكى كەسپىي تارماقلار، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىزلار بويىچە قوشماقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ، چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەمەرجان ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش