دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-30 12:44:52

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى باشلاش مۇراسىمى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن 50 كوللېكتىپ، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكەن 150 شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەن 100 كوللېكتىپ تەقدىرلەندى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس تەقدىرلەنگەن.  

بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى؛ ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ساقچى ئىشلىرى تېخنىكىسى بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك مەسئۇل باشقۇرغۇچى سۈن يەن، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جۈنلىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى چېگرا قوغدىغۇچىلار شۆبە ئەترىتىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى روزى سادىق، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت خادىمى توختى نىياز، شىنجاڭ كۇچا مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مېھمانخانا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ يوۋخۇا، ئاقسۇ تىيانشان دولان سېمونتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تېخنىكى ياڭ خۇڭشىڭ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن) چېن ۋېي شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەن كوللېكتىپلار: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت بۆلۈمى، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەمۇرىي مۇلازىمەت زالى ئاممىۋى قاتناش ھەممىباب كارتا مەركىزى مۇلازىمەت كۆزنىكى، ئاقسۇ تيەنيۈ ئائىلە توقۇمىچىلىقى چەكلىك شىركىتى رەخت توقۇش شۆبە زاۋۇتى B بەنىنىڭ 4 ـ گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ فۇۋو دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئايرىۋېلىش سېخىنىڭ تالقانلاش بەنى، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش