دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى شىنجاڭلىق لو بياۋ ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-29 11:03:31

   ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 545نى ئىجرا قىلىپ، 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.12 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق» قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سودىگەر چاقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، خىزمەتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىزدە 224 سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 80 مىليارد 87 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق 214 مىليارد يۈەن نىشان ـ ۋەزىپە (پىلان)نىڭ %37.42ى تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 170 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، كېلىشىمنى ئادا قىلىش نىسبىتى %75.89كە يەتتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، شەرق ئۈمىد گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كىرېمنىي يېڭى ماتېرىياللىرى يېشىل ئايلانما كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى، خاڭجوۋ يىتېڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالماس زىبۇ ـ زىننەت (كىيىم ـ كېچەك، زىبۇ ـ زىننەت قوشۇمچە ماتېرىياللىرى)لىرىنى پىششىقلاش تۈرى، جېجياڭ روڭشياڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 5000 دانە توقۇش ماشىنىسى، 200 دانە ئايلاندۇرۇپ توقۇش ماشىنىسى ۋە يىلىغا 100 مىڭ توننا دىلۇن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانا ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى كىرگۈزدى، ماكانلاشتۇردى، قۇردى.

ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى جەمئىي 1018 تۈركۈمدە كەلگەن 3582 كارخانا مەسئۇلى ۋە سودىگەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 184 تۈركۈمدە كەلگەن 676 كىشى ناھىيە (شەھەر)لەرگە بېرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ «بۇلۇتتا سودىگەر چاقىرىش» سۆھبەت يىغىنىدىن 39 مەيدان ئېچىپ، 39 تۈردە سۆھبەتلەشتى، مۇددىئا ھاسىل قىلغان سېلىنما سوممىسى 10 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە نۇقتىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن تۆت مەيدان ئۆتكۈزۈپ، نەق مەيداندا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 64ىدە كېلىشىم ئىمزالاپ، كېلىشىم سوممىسىنى 163 مىليارد 445 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، 95 مىليارد 300مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىش تۈرىدىن 115نى ئېلان قىلدى.

ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ مىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلى، ئۇسۇلىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىلەردە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، چوڭ سانلىق ـ مەلۇمات ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سودىگەر چاقىرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش