ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، قاتناش (تۆمۈريول، تاشيول، ئېنېرگىيە، ئايرودۇرۇم) قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۇزارتىلغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىمۇ پۈتۈنلەي كىرگۈزگەن.
بىناكارلىق كارخانىلىرى ۋە قاتناش ساھەسى قاتارلىقلارنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بىرلىك قىلىپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 ـ سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى پائال تۈردە تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، قاتناش، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرگە ئىجازەت بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ، سېلىشتۇرۇپ يوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇشقا ئىش باشلاپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تېخى قاتناشمىغان قۇرۇلۇش تۈرى كارخانىلىرىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ، «تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، ئاۋۋال سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاندىن ئىش باشلاش، كىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىسا، شۇ مەسئۇل بولۇش» قاتارلىق پىرىنسىپ بويىچە، تۈرلۈك بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرلىرى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تەڭ قەدەمدە تەرتىپلىك بەرپا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرلىرىدە مۇشۇ تۈرگە خېرىدار بولغان توختامدىكى ئومۇمىي پۈتۈپ چىقىش باھاسىنىڭ 1‰ى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇلىدىكەن، تۈرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدا ئەنگە ئالدۇرغان خادىملار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ۋىلايەت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچىلارنى راست ئىسىم تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كۆزنەكتە ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش بىلەن توردا ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.
ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى يەنە «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»گە پائال تۈرتكە بولۇپ، تارماقلار ئارا ھەمكارلىشىپ بېجىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئىجرا قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش