دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى شىنجاڭلىق لو بياۋ ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى شۆبە ئەترىتى قۇرۇلدى «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-29 11:19:28

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %29.7ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليارد 570 مىليون يۈەن ئاشقان.

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، 2022 - يىلىدىكى ساقلانما شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قۇرۇلۇش تۈرلىرى پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات توك تارقىتىپ، 23 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

ئېلېكتىر تورى تۈرىدە ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى، ئىلى − بورتالا ئوبلاستى − شىخو − فېڭخۇاڭ II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ − ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىي II قايتما لىنىيەسى، فېڭخۇاڭ − ياجۇڭ II قايتما لىنىيەسى، شىخەنزە، ئۈرۈمچى - سانجى قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئۇلغا بېتون قۇيۇش، تۆمۈر مۇنار ئورنىتىش، ئېلېكتىر تورى ئورنىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇنىڭغا جەمئىي 237 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

نېفىت - تەبىئىي گاز تۈرى تېز يولغا قويۇلدى، ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى ۋېنشى 1 - ئامبىرى، تارىم نېفىتلىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى، شۇنبېي 2 - رايون سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئالدىن يولغا قويۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى − تىكەنلىك − چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، غۇلجا كان رايونى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى بىرلەشتۈرۈش رايونىدىكى يىتەي ئىلى كانچىلىق شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان تۈرى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 16 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

شەرقىي جۇڭغار 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى (بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىن تۇرپانغىچە)، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ كان رايونى 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈردىن 400نى ئورۇنلاشتۇردى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى 85 تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر تورى، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش