ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلى، شىنجاڭ 1000 ئايلانما ئىشتات ئاجرىتىپ، ئىشتاتى توشقان ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە مەخسۇس ئىشلەتكەن، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل بېكىتىش ھوقۇق چېكىنى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇق چېكىنى ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرغان، ئۇل تەتقىقات، قۇرۇلۇش، سەھىيە-ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئۇنۋان باھالاش شەرتىدىن 21گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش