شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى باش تېمىسىدىكى كېچىلىكنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلى، شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، تۇرمۇش - ئىقتىساد قانىلى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ئانار بۇلۇت قاتارلىق سۇپىلار ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى 100گە يېقىن ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇدا كۆرسىتىلىدۇ.
كېچىلىك شاد - خۇراملىق، بالىلارچە قىزىقىش، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساسىي مېلودىيە قىلىپ، مۇقەددىمە «يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىش»، 1 - بۆلەك «ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»، 2 - بۆلەك «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش»، 3 - بۆلەك «ئىرادىلىك، تىرىشچان بولۇش»، 4 - بۆلەك «جان تىكىپ ئېلىشىپ كۈرەش قىلىش»، 5 - بۆلەك «يۈكسەك ئىرادە»، خاتىمە «ئۇدا كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن.
پارتىيە تارىخى ھېكايىسى «ئېتىقادنىڭ كۈچى»، چاتما شىچۈ تىياتىرى «بالىلار شىچۈ تىياتىرى»، ئۇسسۇللۇق ناخشا «يۇلتۇز ئۈزگەن ئانا»، چوڭ تىپتىكى ئەجدىھا، شىر ئويۇنى «ئەجدىھا، شىر ئۆسمۈر»دە كۆرۈنۈشلۈك بايان قىلىندى... پۈتۈن كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ شەكلى مول، رەڭدار بولۇپ، يەنە چوڭ ئېكراندا «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر» ئىلمىنۇر ئۆمەرئابلا ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياڭ لىۋىي، ۋاڭ ياپىڭلار بىلەن سۆزلەشكەن كۆرۈنۈش ھەمدە خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرگەن پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر قاتارلىق شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىگە دائىر ھېكايىلەر كۆرسىتىلدى.
«پۈتۈن كېچىلىكتە قىزىل بەش يۇلتۇز ئامىلى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، مەنزىرە شەكلى ئارقىلىق ھەربىر بۆلەك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىر، دېكلاماتسىيە قاتارلىق كۆپ خىل ئەدەبىيات - سەنئەت شەكىللىرى سىڭدۈرۈلدى، ئىجادىي نومۇرلار %90نى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش، ئەمگەك قاتارلىق تېمىلارنى قېزىش كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىدىكى ئۈنۈم - نەتىجىلەر نامايان قىلىندى، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قىزىل تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىش، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پەن - تېخنىكا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ئۆسمۈرلەردىن بولۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھ ئارقىلىق يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى ئىپادىلەندى» دەپ تونۇشتۇردى كېچىلىكنىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى چىن رۇ.
بۇ مەيدان كېچىلىكنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلق تۇرمۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكى پىروگراممىسى مەركىزى، ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.