ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاقسۇ شەھىرى ئەسىر مەيدانىدا «بىخەتەر زاپاس ساقلاپ، زىياننى ئىلمىي ئازايتىش» باش تېمىسىدا پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ ۋىلايىتىمىزدە ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى كوچىلارغا چىقىشقا تەشكىللەپ، تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى ۋە ئاشلىق ئەمەلىي بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، پەن ـ تېخنىكىغا ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملارنى ۋە ئاشلىق ـ ياغ پىششىقلاش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش، ئاشلىقنى تېجەپ زىياننى ئازايتىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پەن ـ تېخنىكىغا ئالاقىدار ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇردى.
ۋىلايىتىمىز ئاشلىق تېرىقچىلىق چوڭ رايونى، ھەر يىللىق ئاشلىق تېرىش كۆلىمى 5 مىليون 500 مىڭ مودىن، مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» تۈرىنى يولغا قويۇشىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئاشلىق ساقلاش ساندۇقىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىنكى زىيىنىنى ئازايتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بىز ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ساغلام ئىستېمال قىلىش، ئاشلىقنى سۆيۈش، ئاشلىقنى تېجەش ئېڭىنى كۈچەيتتۇق، شۇنداقلا ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە پەن ـ تېخنىكا ئىجادىيىتىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش