دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:04:40

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «پەرۋىشكارلار سەپىرى ـــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كېلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى نۆل ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بالىلارغا قارىتا تۇغما يۈرەك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئوپېراتسىيە قىلىش كۆرسەتكۈچلىرىگە ماس كېلىدىغان ئاغرىقلار ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

ئالتە ياشلىق گۈلنار (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئۆيى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى دوسقۇل كەنتىدە بولۇپ، 2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقاندا تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىدى.

بۇ يىل، كەنت كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ «پەرۋىشكارلار سەپىرى ـــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»گە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. شۇ كۈنىدىكى تاسقاپ تەكشۈرۈشتە، گۈلنار ئوپېراتسيە قىلىش كۆرسەتكۈچلىرىگە ماس كەلگەچكە، شاڭخەي دېدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «پەرۋىشكارلار سەپىرى ـــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى باش بولۇپ، ۋۇشى مىڭسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شاڭخەي دېدا دوختۇرخانىسى ۋە ئەيموشېڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سېلىنما چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگۈچى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ مەبلەغ توپلاپ ئورتاق تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان تۇغما يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئىكەن. ھازىرغىچە، ۋىلايەت بويىچە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرپتار بولغان 288 ئاغرىق قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشقا ئېرىشكەن.

شاڭخەي دېدا دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيەنشى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم، بىز ئاساسلىقى بۇرۇن تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرىمىز ھەم داۋالانغان بالىلارنى قايتا تەكشۈرىمىز. تۇغما يۈرەك كېسىلى ئالاھىدە خاراكتېرلىك بولغاچقا، قىسمەن بالىلارغا قايتا دىياگنوز قويۇلىدۇ، ھەتتا ئىككىنچى قېتىم، ئۈچىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. ھازىر، بىز ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جەمئىي 885 بالىنى تاسقاپ تەكشۈردۇق، 66 بالا ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ماس كەلدى. بىز بۇ بالىلارنى داۋالايمىز ھەم ئوپېراتسىيە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش