دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى شىنجاڭلىق لو بياۋ ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى شۆبە ئەترىتى قۇرۇلدى «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:15:25

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 5 ـ ئايغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزنىڭ 2021 ـ ۋە 2022 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىدە ئىش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى، تاماملاش نىسبىتى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، سېلىنمىنى تاماملاش نىسبىتى، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدا ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇر بىردەك شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدىكەن. ۋىلايەت مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ قېلىپلىق يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، ۋىلايىتىمىزگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى جەمئىي 486 سېلىنما تۈرى، 6 مىليارد 554 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 33 مىليارد 236 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولغان، بۇ تۈرلەر دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يانداشما ئەسلىھەلىرى، جەمئىيەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر ساھەسىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 2021 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرى 238، مەبلەغ 3 مىليارد 311 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ 16 مىليارد 407 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى؛ 2022 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرى 248، مەبلەغ 3 مىليارد 243 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ 16 مىليارد 829 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، نىشاننى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈرلەرنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى سىجىل، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمى، نىشان ۋەزىپىسىنى پەسىل بويىچە تەقسىملەپ، ھەر ئايغا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېرىم ئاي ئارقىلىق بىر ئاينى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاي ئارقىلىق پەسىلنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەسىل ئارقىلىق يىلنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېلىنما پىلانىنىڭ  ئىجرا قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش