دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورى ۋاقتى:2023-05-25 11:35:06

    ھۆل-يېغىندىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ) ياغىدۇ، جەمئىي ھۆل-يېغىن مىقدارى 60-40 مىللىمېتىرغىچە، ئەڭ چوڭ سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 30-20 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئاساسلىق ھۆل-يېغىن ۋاقىت بۆلىكى: ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئىلى ئوبلاستىدا 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىدە 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  قۇم-بوراندىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا بوران كۈچى سەككىز بالدىن توققۇز بالغىچە بولىدۇ، 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا ئارىلاپ بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە قۇم ئۇچىدىغان ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن ئالدىن مەلۇمات: 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5-℃3قىچە تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30-℃25قىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15-℃12قىچە بولىدۇ؛ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش