دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-25 11:42:54

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەزىز مېھمانلار، كەسپىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت تەبرىك سۆزى قىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن. شىنجاڭ رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۈردە شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل. خان مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەمكارلىق سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يۈنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، رەقەملىك تېخنىكا كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلاندى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇھىم، زور پۇرسەت ۋە پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك تەرەققىيات دەۋر پۇرسىتىنى ئورتاق ئىگىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ شانلىق ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسى پۈتۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش