دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-25 11:12:46

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى.

شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، 1 ـ شى ئارال شەھىرى، 2 ـ شى باش ئەگىم شەھىرى، 3 ـ شى تۇمشۇق شەھىرى ۋە 14 ـ شى قۇرۇمقاش شەھىرىدىن تەركىب تاپقان. خىزمەت جەريانىدا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى تەۋسىيە قىلغان دورا ئىلمى، كىلىنىكا ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمىغا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان باھالاپ بېكىتىش گۇرۇپپىسى مەركەزلىك سېتىۋېلىنىدىغان دورا بۇيۇملىرى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنى باھالاپ بېكىتىدۇ، ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك ئورۇنلار مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ، باھاسىنى مەركەزلىك كېڭىشىپ سېتىۋېلىشقا قاتناشقان 3000دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا باراۋەر، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ دائىملىشىپ، تۈزۈملىشىپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىدىكەن. مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە داۋالاش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى تېجەش بىلەن بىللە، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ لى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ شىنچۇن باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش